دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن
دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن
بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا بالدۇر بېرىشنى نىيەت قىلىپ، بالدۇرراق تۇرغان بولساممۇ، ئىشىكتىن يەنىلا سەككىزدە ئاران چىقالىدىم. يولدا كېتىپ بارسام، خىزمەتدىشىم تېلېفۇن قىپتۇ، ئۆزىنىڭ ئىشقا بارالمايدىغانلىقىنى، يېقىن بىر دوستىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، تۈگەپ كەتكۈچىنى مەنمۇ ئاندا – مۇندا كۆرگەندەك قىلىۋاتاتتىم، رەھمەتلىك ياشلا بالىتى، دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن، بۈگۈن بىللە ئويناپ – كۈلگەنلەر ئەتە قارا تۇپراققا ئايلىنىدىكەن، ئۆلۈم ھەقىقەتەنمۇ ياش – قېرىغا باقمايدىكەن، كىمنىڭ ئەجىلى توشقان بولسا، بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۇ دۇنياغا شەرتسىز سەپەرگە ئاتلىنىدىغان گەپكەن. تۇرۇپ مەنمۇ ئۆزەمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.
قوياش ھەرىكىتى 2011 – يىلى يەنە كۈچىيىدۇ
قوياش ھەرىكىتى ھەر 11 يىلدا بىر قېتىم كۈچىيىدۇ، بۇ قېتىم 2011 – يىلى كۈچىيىدىغان بولغاچقا، شۇ يىلى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى(GPS) ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.