باشبەت > تەرجىمىلىرىم > سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (2)

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (2)

2010-يىل 16-سېنتەبىر باھا يېزىش Go to comments

ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(2)

بىراق، خرۇشېۋ قانداقلا بولمىسۇن ماۋزېدۇڭغا ھاجەتمەن بولغاچقا، ئۇ ستالىندىن بىر قەدەم ئالغا باستى، جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش جەھەتتە ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى، ھالبۇكى، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، شۈبھىسىزكى، يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن تېخنىكا ئاساسى سېلىپ بەردى. يادرو قورالى بىلەن يادرو رېئاكتورىنىڭ ئىلمىي قائىدىسى بىردەك بولۇپ، رېئاكتور بولسا پارتلىمايدىغان ئاتوم بومبىسى ئىدى، خالاس. رېئاكتور ئېنېرگىيىنىڭ ئاستا قويۇپ بېرىلىشىنى تىزگىنلەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھاسىل قىلىشتا ئىشلىتىلەتتى. ھېچبولمىغاندا، ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ جۇڭگونىڭ يارو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىدىكى تۇنجى قەدىمى ئىدى. خرۇشېۋ دۆلىتىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماۋزېدۇڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان ھۆكۈمەت رەئىسى (زۇڭلىسى) نېھرۇ (Jawaharlal Nehru) بىلەن سۆھبەتلەشكەندە خۇشاللىقى ئۇرغۇغان ھالدا ئاتوم بومبىسىنى تىلغا ئالدى ۋە جۇڭگو «تەتقىق قىلىشقا باشلىغان» بۇ نەرسىنى ئاشكارىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋانىڭ يادرو ياردىمى تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقى ماۋزېدۇڭنى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان ئىدى، دەل مۇشۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، جۇڭگو گېئولوگىيە ئەترىتى گۇاڭشىدا ئۇرن كانىنى تاپقان ئىدى. 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ماۋزېدۇڭ ج ك پ مەركىزىي سېكېرتارىياتى (中央书记处) كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى. گېئولوگىيە مىنىستىرى لى سىگۇاڭ، ئورۇنباسار (مۇئاۋىن) مىنىستىر ليۇ جيې ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ (كېيىنكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاساسى) باشلىقى چيەن سەنچياڭلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ خۇشال ھالدا يىغىنغا قاتناشقانلارغا:« ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا باشقا ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن بۇ ئىشنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق. بۇ ئىشنى ھامان تۇتماي بولمايدۇ. ھازىر ۋاقتى كەلدى، تۇتۇشىمىز كېرەك. كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرساقلا، ئەستايىدىل تۇتساق، چوقۇم ياساپ چىققىلى بولىدۇ.» دېدى. ماۋزېدۇڭ يەنە تەكىتلەپ:« ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە ياردەم قىلىدۇ، بىز چوقۇم ياخشى قىلىشىمىز لازىم! بىز ئۆزىمىز قىلساقمۇ چوقۇم ياخشى قىلالايمىز! بىزدە ئادەم بولسىلا، يەنە بايلىق مەنبەسى بار بولسا، ھەرقانداق مۆجىزىنى ياراتقىلى بولىدۇ!» دېدى. يىغىن شەرتلىك بەلگىسى 02 بولغان يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنى ماقۇللىدى. شۇ ئاينىڭ 31-كۈنى جۇئېنلەي دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ (گوۋۇيۈەن) 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا:« بۇ جەھەتتە، بىز ناھايىتى ئارقىدا قالدۇق، بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بولسا، بىزنىڭ يېتىشىۋېلىشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار. ئامېرىكىنىڭ يادروسى بىزنى قورقىتالمايدۇ، بىز ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.» دەپ يەنە ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېڭ دېخۈەي 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋزېدۇڭغا خىزمەت دوكلات قىلغاندا، تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ماۋزېدۇڭ 3-ئايدىكى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو «ئاتوم ئېنېرگىيسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان مۇشۇنداق بىر يېڭى تارىخىي دەۋر»گە كىردى دەپ جاكارلىدى.
خرۇشېۋ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يادرو ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى جەھەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى كونكرېت سۆھبىتىنى باشلىدى. 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە ئىلمىي تېخنىكا ۋە سانائەت جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ۋە بىر نەچچە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىگە كەڭ كۆلەمدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەجرىبە خاراكتېرلىق رېئاكتور ۋە تېزلەتكۈچنى لايىھەلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ۋە زۆرۈر مىقداردىكى ئاجرىتىشقا بولىدىغان ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمكارلىشىش شەرتى سۈپىتىدە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنى ئىزدەش، بېكىتىش ۋە چارلاش خىزمىتى ھەققىدىكى كېلىشىمنامە»نى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىدۇ، ئۇران كانىنى قېدىرىپ تەكشۈرىدۇ، سانائەت قىممىتى بار ئۇران كانىنى جۇڭگو تەرەپ قېزىشقا تەشكىللەيدۇ. ئۇران رودىسىنى جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن تاشقىرى، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك سوۋېت ئىتتىپاقى سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگوغا كېلىپ، ئۇزان كانىنى ئىزدەش ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈشكە ياردەم بەردى. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ليۇ جيې، چيەن سەنچياڭلار باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ھەققىدىكى كېلىشىمنامە»نى ئىمزالاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ئۈچۈن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1955-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ قۇۋۋىتى 6500~10000 كلوۋات كېلىدىغان بىر تەجرىبە خاراكتېرلىق ئاتوم رېئاكتورى ھەمدە بىر زەررىچىدە MeV 12.5~25 (مىليون ئېلېكترون ۋولت) ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدىغان ئايلانما تېزلەتكۈچ لايىھىلىشى ۋە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان، يەنە ئاتوم رېئاكتورى تېزلەتكۈچ ھەققىدىكى ئىلمىي تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان، ئاتوم رېئاكتورىنىڭ ئايلىنىشىنى قامداشقا ئېھتىياجلىق يادرو يېقىلغۇسى ۋە رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپ بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەيدىغان ھەمدە جۇڭگونىڭ يادرو فىزىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنكىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىدىغان بولدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى تەستىقلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈپ، بېيجىڭ ۋە لەنجۇدا ئوقۇتۇشقا تەشكىللەپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەشكە ياردەم بېرىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىدىكى تولى رايونىدا بىر ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىلمىي تەتقىقات بازىسى قۇرۇلدى (شەرتلىك بەلگىسى 601-زاۋۇت، 1959-يىلى ئۆزگەرتىلىپ 401-تەتقىقات ئورنى دەپ ئاتالدى) ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن بىر رېئاكتور بىلەن بىر تېزلەتكۈچ مۇشۇ بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سولونوۋ (Solonov) بىلەن ئالېكسېۋ (Alekseev) ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى بىرلىكتە بازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇ يىلى 12-ئايدا، پروفېسسور نوۋىكوۋ (Novikov) ئۆمەك باشلىقى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ھەققىدىكى بىر تۈركۈم فىلىم ۋە كىتابلارنى سوۋغا قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىن زالىدا دوكلات يىغىنى ئېچىپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردىن دەرس بەردى، جۇئېنلەي ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىن بولۇپ 1400دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بۇ دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. 26-چېسلادىكى جۇئېنلەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1956-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە بولغان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى پىلان پروگراممىسى (دەسلەپكى لايىھىسى)»نى مۇزاكىرە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشىغا ئومۇمىيۈزلۈك ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كېيىنكى ئىككى يىلدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيدى. 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائەت تۈرلىرى ۋە يادرو ئىلمى تېخنىكىسى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇ ئاساستا، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق دەپ قارار ماقۇللاندى: 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى قۇرۇلۇپ (1958-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 2-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى دەپ ئۆزگەرتىلدى)، جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات خىزمىتىنى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ. 1957-يىلى 3-ئايدا 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى 2-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1962-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگودا مۇكەممەل، كىچىك ئەمما تولۇق بولغان بىر يۈرۈش يادرو سانائىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگونىڭ يادرو تېخنىكىسى تەتقىاتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى لاياقەتلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتتى. شۇ يىلى 5-ئايدا، ۋوربىيېۋ (Vorbiev) ئون نەچچە مۇتەخەسسىسنى باشلاپ فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا (بۇ چاغدا بۇ ئورۇنغا پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى قوشلاپ رەھبەرلىك قىلاتاتتى) خىزمەتكە كەلدى. ۋوربىيېۋ بولسا كورچاتوۋنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇستەھكەم تېخنىكا ئاساسى بار ئىدى. ۋوربىيېۋ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى بولسا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ۋە پلۇتونىينى تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەش ھەمدە ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۈزۈش ئىدى، كېيىن يەنە رېئاكتور تەجرىبىسىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى. ۋوربىيېۋ تەتقىقات ئورنى باشلىقى چيەن سەنچياڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، جۇئېنلەي بىلەنمۇ قويۇق ئارىلاشقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى بولغانلىقتىن، تەجرىبە خاراكتېرلىق رېئاكتور ۋە ئايلانما تېزلەتكۈچ ئارقىمۇ ئارقا پۈتكۈزۈلدى ھەمدە ئېغىر سۇ رېئاكتورىدا ئاز مىقداردا پلۇتونىيگە ئېرىشىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئوقۇتۇش ۋە تەجرىبە ئارقىلىق، يەنە بىر تۈركۈم جۇڭگو ئىلمىي تېخنىكا خادىملىرى تەربىيىلەندى. ۋوربىيېۋ يېڭى كەلگەندە تەتقىقات ئورنىدا ئاران 60 نەپەر يادرو فىزىكىسى جەھەتتىكى جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىس بار ئىدى، ئەمما 1959-يىلى 11-ئايدا ئۇ بۇيەردىن ئايرىلغاندا، بۇ كوللىكتىپتىكى ئادەم سانى كۆپىيىپ 6000 ئادەمگە يەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مېڭ گېفېي كېيىنچە ئەسلەپ:« پەقەت تېخنىكا مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە رېئاكتور، يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ تەتقىقات سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ ۋوربىيېۋ جۇڭگوغا ئاز بولمىغان ياردەملەرنى بەرگەن ئىدى.» دېدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق مۇنەۋۋەر ئالىمنى ئەۋەتىشىدىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جۇڭگوغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى سەۋەپلىك، جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش پەردىسى ئاستىدا 1955-يىلىنىڭ باشلىرىدا تەدرىجىي قانات يايدى.

  1. تېخى باھا يېزىلمىدى.
  1. No trackbacks yet.