باشبەت > تەرجىمىلىرىم > سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (1)

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (1)

2010-يىل 15-سېنتەبىر باھا يېزىش Go to comments

ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(1)

ئاپتورى: شېنجىخۇا

تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم

يادرو مەسىلىسىگە ئائىت تارىخ (ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، يادرو سىياسىتى ۋە يادرو ستراتېگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يادرو تەييارلىقلىرىنى تىزگىنلەش ۋە يادرو سىنىقىنى چەكلەش سۆھبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەك-شۈبھىسىزكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ: 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قورالى [1] تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا قوللانغان يېتەكچى پرىنسىپىدۇر. بۇ ماقالىدە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا ئاشكارا نەشىر قىلىنغانلىرىدىن باشقا، يەنە روسىيە ئارخىپ ھۆججەتلىرى ۋە بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەر ئېغىزچە ئېيتىپ بەرگەن بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارمۇ بار، ھالبۇكى، بۇلار نۇرغۇن جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى كۆرۈپ باقمىغان ياكى نەقىل قىلمىغان مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئاساسىدا، مۇئەللىپ 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا قوللانغان يېتەكچى پرىنسىپىنى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ بىر تېما تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر ئاز يېڭى مەزمۇن قوشۇشنى مەقسەد قىلدى.
بىرىنچى، خرۇشېۋ جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش دەرۋازىسىنى ئاچتى.
ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى 1-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى قىلىشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگونىڭ موسكۋانىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئىگەللىكەنلىكىنى بىلىۋالغانلىقىنى ھەتتا يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدى. ستالىن ليۇ شاۋچى 1949-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلەپنى رەت قىلدى، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش سۈپىتىدە، سوۋېتلىكلەر جۇڭگونىڭ ۋەكىللىرىگە يادرو سىنىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇندىن باشقا، ستالىن ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونى يادرو مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلەش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەييارلىغان جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقلىشىش كېلىشىمنامىسى (2-ئورگىنالى)دە، ئىشەنچى كامىل ھالدا ئەگەر پۈتۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىنسا، «يەنە بىر تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي ۋە باشقا ياردەم بېرىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى ئەمدىلا يادرو قورالىغا ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىل كۆز قاراش، شەكسىزكى، غەرب ئەللىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونى يادرو مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ دېگەندىن بېشارەت بېرەتتى. ئەگەر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنسا، ستالىن بەلكىم بۇ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە سوتسيالىزىم لاگېرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولسىلا يېتەرلىك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو قورالى ياسىشى زۆرۈر ئەمەس دېگەندىن بېشارەت بېرىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ماۋزېدۇڭنىڭ ئەينى چاغدا ستالىننىڭ غەرىزىنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ نامەلۇم. ئەمما، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئاتوم بومبىسىغا ھېسسىي بىلىشى پەيدا بولدى، بۇ بىر ھەقىقەت. ماۋزېدۇڭ ئەينى يىللاردىكى تەسىراتىنى ئەسلەپ، يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىگە:« بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالدى! قارىغاندا ئاتوم بومبىسى نۇرغۇن ئادەملەرنى قورقىتالايدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بار بولدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بار بولدى، بىزمۇ ياساپ باقساق بولغۇدەك.» دېگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ھالبۇكى، موسكۋا سوتسيالىزىم لاگېرىدىكى دۆلەتلەرنى يادرو مۇھاپىزىتى [2] بىلەن تەمىنلىسە بولاتتى، ئەمما ئۇلار بىلەن يادرو تېخنىكىسى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايتتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىغا كىرىدىغان دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. 1952-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، يەنى جۇڭگونىڭ داڭلىق يادرو فىزىكا مۇتەخەسسىسى چيەن سەنچياڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئاكادېمىك نېسمېيانوۋ (Nesmeyanov) سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىغا بىر پارچە دوكلاتنى تاپشۇردى. جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالغاندا، نېسمېيانوۋ چيەن سەنچياڭغا پەقەت «ئادەت خاراكتېرلىق تەتقىقات خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇشنى، ئەمما ئۇنىڭ 1-باش ئىدارىنىڭ تەتقىقات تېمىسى دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىشىگە يول قويماسلىق» تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى قارمىقىدىكى 1-باش ئىدارىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىگە، ئۇران پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ۋە ئاتوم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى، بۇ تەكلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ چاغدا جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرەتتى. تېخنىكا مەنبەسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش مۇھىتى ۋە دۆلەت مالىيە كۈچىنىڭ چەكلىكلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1-بەش يىللىق پىلانغا يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان تەييارلىق تەدبىرلىرىنى كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدى.
ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا كەسكىن ھوقۇق كۈرىشى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى. خرۇشېۋ ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىجابىي تەڭشىدى ھەمدە ماۋزېدۇڭغا قايتا-قايتا ياخشىچاق بولدى.[3] بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەسىلىسىنى قايتا ئويلاشتى. 1954-يىلى 10-ئايدا خرۇشېۋ جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگونىڭ يەنە قانداق تەلىپى بارلىقىنى سورىدى، ماۋزېدۇڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتوم ئېنېرگىيىسى، يادرو قوراللىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خرۇشېۋنىڭ بۇ تۇيۇقسىز سورالغان مەسىلىگە تەييارلىقى يوق ئىدى، بىردەم دېلىغۇل بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ماۋزېدۇڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ زېھنىنى يىغىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تۇتۇشى لازىملىقىنى، بۇنداق غايەت زور مەبلەغ كېتىدىغان نەرسىنى ياسىماسلىققا دەۋەت قىلدى ھەمدە پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خرۇشېۋ ئەڭ ئاخىرىدا تەكلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئاتوم فىزىكىسى ئىلمىي تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ۋە تېخنىكا كۈچلىرىنى تەربىيىلىشى ئۈچۈن، كىچىك تىپتىكى بىر تەجرىبە خاراكتېرلىق يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خرۇشېۋنىڭ يادرو تەجرىبىسى مەبلىغىنىڭ غايەت زورلۇقىنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنىڭ قىيىنلىقىنى تەكىتلىگىنى ھەقىقىي ئەھۋال ئىدى. بىراق، موسكۋانىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى بۇ ئەمەس ئىدى. ستالىنغا ئوخشاشلا، خرۇشېۋمۇ ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوغا ئىشىنىپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىدىن باشقا، خرۇشېۋنىڭ ئوچۇق دېيەلمەيدىغان يەنە بىر سەۋەبى بار ئىدى، يەنى ئەينى چاغدا ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتىن ناھايىتى بۇرۇنلا، ئامېرىكا يادرو سىنىقىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، بۇ ئارقىلىق يادرو قورالىنى مونوپۇل قىلماقچى ئىدى. 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيسى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بەرۇك (Bernard Baruch) خەلقئارالىق تەشكىلات يادرو سىنىقىنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، تارىختا بۇ «بەرۇك پىلانى»(بارۇخ پىلانى) دەپ ئاتالدى. ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى گرومىكو (Andrei A. Gromyko) ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا تىغمۇ-تىغ قارشى ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەم ھېچبىر نەتىجىسىز يادرو قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە تالىشىش باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو قورالىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، خرۇشېۋ يادرو قورالىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، موسكۋادا يادرو كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدە يېڭى تونۇش پەيدا بولدى. 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى خرۇشېۋغا بىر ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق فىزىكى، ئاتوم بومبىسى ئاتىسى كورچاتوۋ(Igor V. Kurchatov) قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىق يادرو قورالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ مەۋجۈتلۇقىغا تەھدىت سالغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى دوكلات قىلدى: زور كۆلەمدىكى يادرو قورالىنى ئىشلىتىش ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يادرو پارتلىشىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ بۇنداق تېزلىكىدە، نەچچە يىلغا قالمايلا، يادرو پارتلىشىنىڭ سانى يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ، شۈبھىسىزكى، خرۇشېۋنى لەرزىگە سالغان ئىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى خرۇشېۋنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنىڭ ھارپىسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوۋېتلىكلەر ئەمدى تېخى بۇنداق ۋەدە بېرىپ تۇرۇشىغا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسايدىغانلىقىنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنسە، خرۇشېۋ ئەلۋەتتە قوشۇلمايتتى.

  1. تېخى باھا يېزىلمىدى.
  1. No trackbacks yet.