ھۆججەت قىسقۇچنى قانداق قۇرىمەن؟

2010-يىل 2-ئۆكتەبىر بىر ئىنكاس

ئىشلىتىش ۋاقتى ئۇزارغانسېرى، كومپيۇتېرىمىزدا ھۆججەتلىرىمىز بارا-بارا يىغىلىپ قالىدۇ، ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش قۇلايلىق بولۇش ئۈچۈن، بىر تۈردىكى ھۆججەتلەرنى بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە «سېلىپ» قويساق، رەتلىك ھەم قۇلايلىق بولىدۇ. ئۇنداقتا ھۆججەت قىسقۇچنى قانداق قۇرىمىز؟

ھۆججەت قىسقۇچ قۇرۇشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

1) ئالدى بىلەن ھۆججەت قىسقۇچ قۇرماقچى بولغان دىسكا رايونى ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىۋالىمىز.
2) ئاندىن شۇ دىسكا رايونى ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ بىكار يېرىگە مائۇسنى يۆتكەپ، مائۇس ئوڭ كونۇپكىسىنى چېكىمىز، ئېتىلىپ چىققان تىزىملىكتىن «يېڭىدىن قۇرۇش»(新建) تۈرىنى تاللاپ (مائۇسنى يۆتكىسەكلا بولىدۇ، چېكىش ھاجەتسىز)، ئاندىن ئۇنىڭدىن چىققان قىسمىي تىزىملىكتىن «ھۆججەت قىسقۇچ»(文件夹) دېگەننى تاللىساقلا بولىدۇ. (1-رەسىم)

image

ئىككىنچى باسقۇچنى يەنە تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچىمۇ تاماملىغىلى بولىدۇ:
شۇ دىسكا رايونى ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ كۆزنىكىدىكى «ھۆججەت»(文件) تىزىملىكىنى چېكىپ، چىققان قىسمى تىزىملىكتىن «يېڭىدىن قۇرۇش»(新建)تۈرىنى تاللاپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن چىققان قىسمىي تىزىملىكتىن «ھۆججەت قىسقۇچ»(文件夹)نى تاللىساقلا بولىدۇ. (2-رەسىم)
image

سەھىپىلەر:كومپيۇتېر بىلىملىرى خەتكۈشلەر:,

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (2)

2010-يىل 16-سېنتەبىر باھا يېزىش

ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(2)

بىراق، خرۇشېۋ قانداقلا بولمىسۇن ماۋزېدۇڭغا ھاجەتمەن بولغاچقا، ئۇ ستالىندىن بىر قەدەم ئالغا باستى، جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش جەھەتتە ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى، ھالبۇكى، بۇ تۈرلۈك خىزمەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى، شۈبھىسىزكى، يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ئۈچۈن تېخنىكا ئاساسى سېلىپ بەردى. يادرو قورالى بىلەن يادرو رېئاكتورىنىڭ ئىلمىي قائىدىسى بىردەك بولۇپ، رېئاكتور بولسا پارتلىمايدىغان ئاتوم بومبىسى ئىدى، خالاس. رېئاكتور ئېنېرگىيىنىڭ ئاستا قويۇپ بېرىلىشىنى تىزگىنلەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ھاسىل قىلىشتا ئىشلىتىلەتتى. ھېچبولمىغاندا، ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ جۇڭگونىڭ يارو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىدىكى تۇنجى قەدىمى ئىدى. خرۇشېۋ دۆلىتىگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ماۋزېدۇڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى زىيارەتكە كەلگەن ھىندىستان ھۆكۈمەت رەئىسى (زۇڭلىسى) نېھرۇ (Jawaharlal Nehru) بىلەن سۆھبەتلەشكەندە خۇشاللىقى ئۇرغۇغان ھالدا ئاتوم بومبىسىنى تىلغا ئالدى ۋە جۇڭگو «تەتقىق قىلىشقا باشلىغان» بۇ نەرسىنى ئاشكارىلاشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
موسكۋانىڭ يادرو ياردىمى تەمىنلەشكە قوشۇلغانلىقى ماۋزېدۇڭنى ھەقىقەتەنمۇ قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان ئىدى، دەل مۇشۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، جۇڭگو گېئولوگىيە ئەترىتى گۇاڭشىدا ئۇرن كانىنى تاپقان ئىدى. 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ماۋزېدۇڭ ج ك پ مەركىزىي سېكېرتارىياتى (中央书记处) كېڭەيتىلگەن يىغىنىنى ئاچتى. گېئولوگىيە مىنىستىرى لى سىگۇاڭ، ئورۇنباسار (مۇئاۋىن) مىنىستىر ليۇ جيې ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ (كېيىنكى ئاتوم ئېنېرگىيىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاساسى) باشلىقى چيەن سەنچياڭلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماۋزېدۇڭ خۇشال ھالدا يىغىنغا قاتناشقانلارغا:« ئىلگىرىكى بىر نەچچە يىلدا باشقا ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولغانلىقتىن بۇ ئىشنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق. بۇ ئىشنى ھامان تۇتماي بولمايدۇ. ھازىر ۋاقتى كەلدى، تۇتۇشىمىز كېرەك. كۈنتەرتىپىنى ئورۇنلاشتۇرساقلا، ئەستايىدىل تۇتساق، چوقۇم ياساپ چىققىلى بولىدۇ.» دېدى. ماۋزېدۇڭ يەنە تەكىتلەپ:« ھازىر سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە ياردەم قىلىدۇ، بىز چوقۇم ياخشى قىلىشىمىز لازىم! بىز ئۆزىمىز قىلساقمۇ چوقۇم ياخشى قىلالايمىز! بىزدە ئادەم بولسىلا، يەنە بايلىق مەنبەسى بار بولسا، ھەرقانداق مۆجىزىنى ياراتقىلى بولىدۇ!» دېدى. يىغىن شەرتلىك بەلگىسى 02 بولغان يادرو قورالى تەتقىق قىلىپ ياساش پىلانىنى ماقۇللىدى. شۇ ئاينىڭ 31-كۈنى جۇئېنلەي دۆلەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ (گوۋۇيۈەن) 4-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا:« بۇ جەھەتتە، بىز ناھايىتى ئارقىدا قالدۇق، بىراق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بولسا، بىزنىڭ يېتىشىۋېلىشقا ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىز بار. ئامېرىكىنىڭ يادروسى بىزنى قورقىتالمايدۇ، بىز ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.» دەپ يەنە ئوتتۇرىغا قويدى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېڭ دېخۈەي 2-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋزېدۇڭغا خىزمەت دوكلات قىلغاندا، تۇنجى قېتىم رەسمىي يوسۇندا يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ماۋزېدۇڭ 3-ئايدىكى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا جۇڭگو «ئاتوم ئېنېرگىيسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان مۇشۇنداق بىر يېڭى تارىخىي دەۋر»گە كىردى دەپ جاكارلىدى.
خرۇشېۋ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى يادرو ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى جەھەتتە ھەمكارلىشىش ھەققىدىكى كونكرېت سۆھبىتىنى باشلىدى. 1955-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە باشقا دۆلەتلەرگە ئىلمىي تېخنىكا ۋە سانائەت جەھەتتە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو ۋە بىر نەچچە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىگە كەڭ كۆلەمدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تەجرىبە خاراكتېرلىق رېئاكتور ۋە تېزلەتكۈچنى لايىھەلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنە ۋە زۆرۈر مىقداردىكى ئاجرىتىشقا بولىدىغان ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەمكارلىشىش شەرتى سۈپىتىدە، 1-ئاينىڭ 20-كۈنى جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنى ئىزدەش، بېكىتىش ۋە چارلاش خىزمىتى ھەققىدىكى كېلىشىمنامە»نى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى دۆلەت جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىدۇ، ئۇران كانىنى قېدىرىپ تەكشۈرىدۇ، سانائەت قىممىتى بار ئۇران كانىنى جۇڭگو تەرەپ قېزىشقا تەشكىللەيدۇ. ئۇران رودىسىنى جۇڭگو ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن تاشقىرى، ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك سوۋېت ئىتتىپاقى سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، زور بىر تۈركۈم سوۋېت ئىتتىپاقى گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى جۇڭگوغا كېلىپ، ئۇزان كانىنى ئىزدەش ۋە قېدىرىپ تەكشۈرۈشكە ياردەم بەردى. 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ليۇ جيې، چيەن سەنچياڭلار باشچىلىقىدىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋادا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن «خەلق ئىگىلىكى تەرەققىيات ئېھتىياجى ئۈچۈن ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ھەققىدىكى كېلىشىمنامە»نى ئىمزالاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو فىزىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ئۈچۈن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى 1955-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە مۇتەخەسسىس ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ قۇۋۋىتى 6500~10000 كلوۋات كېلىدىغان بىر تەجرىبە خاراكتېرلىق ئاتوم رېئاكتورى ھەمدە بىر زەررىچىدە MeV 12.5~25 (مىليون ئېلېكترون ۋولت) ئېنېرگىيىگە ئېرىشىدىغان ئايلانما تېزلەتكۈچ لايىھىلىشى ۋە قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان، يەنە ئاتوم رېئاكتورى تېزلەتكۈچ ھەققىدىكى ئىلمىي تېخنىكىلىق ماتېرىياللار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدىغان، ئاتوم رېئاكتورىنىڭ ئايلىنىشىنى قامداشقا ئېھتىياجلىق يادرو يېقىلغۇسى ۋە رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپ بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەيدىغان ھەمدە جۇڭگونىڭ يادرو فىزىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تېخنكىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىدىغان بولدى.
8-ئاينىڭ 22-كۈنى، سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەيئەت رىياسىتى يەنە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بېرىپ ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئىشلەش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھىسىنى تەستىقلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈپ، بېيجىڭ ۋە لەنجۇدا ئوقۇتۇشقا تەشكىللەپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسى مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەشكە ياردەم بېرىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېيجىڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىدىكى تولى رايونىدا بىر ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىلمىي تەتقىقات بازىسى قۇرۇلدى (شەرتلىك بەلگىسى 601-زاۋۇت، 1959-يىلى ئۆزگەرتىلىپ 401-تەتقىقات ئورنى دەپ ئاتالدى) ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى قۇرۇشقا ياردەملەشكەن بىر رېئاكتور بىلەن بىر تېزلەتكۈچ مۇشۇ بازىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. سولونوۋ (Solonov) بىلەن ئالېكسېۋ (Alekseev) ۋەكىللىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بىلەن جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى بىرلىكتە بازىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شۇ يىلى 12-ئايدا، پروفېسسور نوۋىكوۋ (Novikov) ئۆمەك باشلىقى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئالىملىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ھەققىدىكى بىر تۈركۈم فىلىم ۋە كىتابلارنى سوۋغا قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىن زالىدا دوكلات يىغىنى ئېچىپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ھەققىدىكى ھەر تۈرلۈك مەسىلىلەردىن دەرس بەردى، جۇئېنلەي ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرىدىن بولۇپ 1400دىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار بۇ دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى. 26-چېسلادىكى جۇئېنلەي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1956-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە بولغان ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئىشلىرى پىلان پروگراممىسى (دەسلەپكى لايىھىسى)»نى مۇزاكىرە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشىغا ئومۇمىيۈزلۈك ياردەم بېرىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
كېيىنكى ئىككى يىلدا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيدى. 1956-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائىتى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. كېلىشىمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ بىر تۈركۈم ئاتوم ئېنېرگىيىسى سانائەت تۈرلىرى ۋە يادرو ئىلمى تېخنىكىسى تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا ئىشلىتىلىدىغان بىر تۈركۈم تەجرىبىخانا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى بەلگىلەندى. بۇ ئاساستا، 11-ئاينىڭ 16-كۈنى 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنىدا مۇنداق دەپ قارار ماقۇللاندى: 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى قۇرۇلۇپ (1958-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى 2-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى دەپ ئۆزگەرتىلدى)، جۇڭگونىڭ يادرو سانائىتى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىيات خىزمىتىنى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدۇ. 1957-يىلى 3-ئايدا 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى 2-بەش يىللىق پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1962-يىلىدىن بۇرۇن جۇڭگودا مۇكەممەل، كىچىك ئەمما تولۇق بولغان بىر يۈرۈش يادرو سانائىتى سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگونىڭ يادرو تېخنىكىسى تەتقىاتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقى لاياقەتلىك مۇتەخەسسىسلىرىنى ئەۋەتتى. شۇ يىلى 5-ئايدا، ۋوربىيېۋ (Vorbiev) ئون نەچچە مۇتەخەسسىسنى باشلاپ فىزىكا تەتقىقات ئورنىغا (بۇ چاغدا بۇ ئورۇنغا پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن 3-ماشىنىسازلىق سانائەت مىنىستىرلىكى قوشلاپ رەھبەرلىك قىلاتاتتى) خىزمەتكە كەلدى. ۋوربىيېۋ بولسا كورچاتوۋنىڭ ئەڭ يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ جۇڭگودىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، بۇ ئادەمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇستەھكەم تېخنىكا ئاساسى بار ئىدى. ۋوربىيېۋ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋەزىپىسى بولسا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ۋە پلۇتونىينى تەتقىق قىلىش جەھەتتىكى جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرىنى تەربىيىلەش ھەمدە ئوقۇتۇش پروگراممىسى تۈزۈش ئىدى، كېيىن يەنە رېئاكتور تەجرىبىسىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولدى. ۋوربىيېۋ تەتقىقات ئورنى باشلىقى چيەن سەنچياڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى، جۇئېنلەي بىلەنمۇ قويۇق ئارىلاشقان ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ياردىمى بولغانلىقتىن، تەجرىبە خاراكتېرلىق رېئاكتور ۋە ئايلانما تېزلەتكۈچ ئارقىمۇ ئارقا پۈتكۈزۈلدى ھەمدە ئېغىر سۇ رېئاكتورىدا ئاز مىقداردا پلۇتونىيگە ئېرىشىلدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئوقۇتۇش ۋە تەجرىبە ئارقىلىق، يەنە بىر تۈركۈم جۇڭگو ئىلمىي تېخنىكا خادىملىرى تەربىيىلەندى. ۋوربىيېۋ يېڭى كەلگەندە تەتقىقات ئورنىدا ئاران 60 نەپەر يادرو فىزىكىسى جەھەتتىكى جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىس بار ئىدى، ئەمما 1959-يىلى 11-ئايدا ئۇ بۇيەردىن ئايرىلغاندا، بۇ كوللىكتىپتىكى ئادەم سانى كۆپىيىپ 6000 ئادەمگە يەتكەن ئىدى. ئەينى چاغدىكى بۇ ئورۇننىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مېڭ گېفېي كېيىنچە ئەسلەپ:« پەقەت تېخنىكا مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە رېئاكتور، يادرو ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ تەتقىقات سىستېمىسى قۇرۇلۇشى جەھەتتىمۇ ۋوربىيېۋ جۇڭگوغا ئاز بولمىغان ياردەملەرنى بەرگەن ئىدى.» دېدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق مۇنەۋۋەر ئالىمنى ئەۋەتىشىدىن ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن جۇڭگوغا ياردەم بەرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قىسقىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى سەۋەپلىك، جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتى ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش پەردىسى ئاستىدا 1955-يىلىنىڭ باشلىرىدا تەدرىجىي قانات يايدى.

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقاتى (1)

2010-يىل 15-سېنتەبىر باھا يېزىش

ياردەم ۋە چەكلىمە: سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىشى(1)

ئاپتورى: شېنجىخۇا

تەرجىمان: ئادىلجان ئابدۇرېھىم

يادرو مەسىلىسىگە ئائىت تارىخ (ھەر قايسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ يادرو تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى، يادرو سىياسىتى ۋە يادرو ستراتېگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يادرو تەييارلىقلىرىنى تىزگىنلەش ۋە يادرو سىنىقىنى چەكلەش سۆھبىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، شەك-شۈبھىسىزكى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى. بۇ ماقالىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپ: 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ يادرو قورالى [1] تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا قوللانغان يېتەكچى پرىنسىپىدۇر. بۇ ماقالىدە ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا ئاشكارا نەشىر قىلىنغانلىرىدىن باشقا، يەنە روسىيە ئارخىپ ھۆججەتلىرى ۋە بىۋاسىتە ئالاقىدار كىشىلەر ئېغىزچە ئېيتىپ بەرگەن بىر قىسىم تارىخىي ماتېرىياللارمۇ بار، ھالبۇكى، بۇلار نۇرغۇن جۇڭگو تەتقىقاتچىلىرى كۆرۈپ باقمىغان ياكى نەقىل قىلمىغان مۇھىم ماتېرىياللاردۇر. بۇ تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش ئاساسىدا، مۇئەللىپ 1950-يىللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاتوم بومبىسى ۋە تىزگىن بومبا تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا قوللانغان يېتەكچى پرىنسىپىنى ۋە ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىنى تەكشۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق بۇ بىر تېما تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر ئاز يېڭى مەزمۇن قوشۇشنى مەقسەد قىلدى.
بىرىنچى، خرۇشېۋ جۇڭگونىڭ ئاتوم ئېنېرگىيسىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش دەرۋازىسىنى ئاچتى.
ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى 1-قېتىملىق يادرو سىنىقىنى قىلىشتىن بۇرۇنلا، جۇڭگونىڭ موسكۋانىڭ يادرو تېخنىكىسىنى ئىگەللىكەنلىكىنى بىلىۋالغانلىقىنى ھەتتا يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلىمىغان ئىدى. ستالىن ليۇ شاۋچى 1949-يىلى 8-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا مەخپىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلەپنى رەت قىلدى، بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىش سۈپىتىدە، سوۋېتلىكلەر جۇڭگونىڭ ۋەكىللىرىگە يادرو سىنىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. بۇندىن باشقا، ستالىن ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگونى يادرو مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلەش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى. سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى تەييارلىغان جۇڭگو-سوۋېت ئىتتىپاقى ئىتتىپاقلىشىش كېلىشىمنامىسى (2-ئورگىنالى)دە، ئىشەنچى كامىل ھالدا ئەگەر پۈتۈشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسى ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشقا مەجبۇر قىلىنسا، «يەنە بىر تەرەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي ۋە باشقا ياردەم بېرىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تېخى ئەمدىلا يادرو قورالىغا ئىگە بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ خىل كۆز قاراش، شەكسىزكى، غەرب ئەللىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونى يادرو مۇھاپىزىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ دېگەندىن بېشارەت بېرەتتى. ئەگەر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىنسا، ستالىن بەلكىم بۇ ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىگە سوتسيالىزىم لاگېرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولسىلا يېتەرلىك، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ يادرو قورالى ياسىشى زۆرۈر ئەمەس دېگەندىن بېشارەت بېرىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ماۋزېدۇڭنىڭ ئەينى چاغدا ستالىننىڭ غەرىزىنى قانداق چۈشەنگەنلىكىگە كەلسەك، بۇ نامەلۇم. ئەمما، جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئاتوم بومبىسىغا ھېسسىي بىلىشى پەيدا بولدى، بۇ بىر ھەقىقەت. ماۋزېدۇڭ ئەينى يىللاردىكى تەسىراتىنى ئەسلەپ، يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىگە:« بۇ قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ كۆزىمىز ئېچىلىپ قالدى! قارىغاندا ئاتوم بومبىسى نۇرغۇن ئادەملەرنى قورقىتالايدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بار بولدى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭمۇ بار بولدى، بىزمۇ ياساپ باقساق بولغۇدەك.» دېگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
ھالبۇكى، موسكۋا سوتسيالىزىم لاگېرىدىكى دۆلەتلەرنى يادرو مۇھاپىزىتى [2] بىلەن تەمىنلىسە بولاتتى، ئەمما ئۇلار بىلەن يادرو تېخنىكىسى مەخپىيەتلىكلىرىنى ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالىمايتتى، جۇڭگولۇقلارنىڭ يادرو قوراللىرى ئىسكىلاتىغا كىرىدىغان دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىغا ئىگە بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. 1952-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا، يەنى جۇڭگونىڭ داڭلىق يادرو فىزىكا مۇتەخەسسىسى چيەن سەنچياڭ باشچىلىقىدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ۋەكىللەر ئۆمىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلىشتىن ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى ئاكادېمىك نېسمېيانوۋ (Nesmeyanov) سوۋېت كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىغا بىر پارچە دوكلاتنى تاپشۇردى. جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ زىيارەت پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تىلغا ئالغاندا، نېسمېيانوۋ چيەن سەنچياڭغا پەقەت «ئادەت خاراكتېرلىق تەتقىقات خىزمىتىنى تونۇشتۇرۇشنى، ئەمما ئۇنىڭ 1-باش ئىدارىنىڭ تەتقىقات تېمىسى دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى تەپسىلىي ئىگىلىشىگە يول قويماسلىق» تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتى قارمىقىدىكى 1-باش ئىدارىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىگە، ئۇران پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا ۋە ئاتوم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان ئىدى، بۇ تەكلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ چاغدا جۇڭگوغا ئاتوم ئېنېرگىيىسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش ئويىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرەتتى. تېخنىكا مەنبەسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇش مۇھىتى ۋە دۆلەت مالىيە كۈچىنىڭ چەكلىكلىكى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى 1-بەش يىللىق پىلانغا يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان تەييارلىق تەدبىرلىرىنى كىرگۈزمەسلىكنى قارار قىلغان ئىدى.
ستالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا كەسكىن ھوقۇق كۈرىشى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇردى. خرۇشېۋ ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبىدىن غالىب كېلىش ئۈچۈن، جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنى ئىجابىي تەڭشىدى ھەمدە ماۋزېدۇڭغا قايتا-قايتا ياخشىچاق بولدى.[3] بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، جۇڭگو يادرو قورالىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەسىلىسىنى قايتا ئويلاشتى. 1954-يىلى 10-ئايدا خرۇشېۋ جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگونىڭ يەنە قانداق تەلىپى بارلىقىنى سورىدى، ماۋزېدۇڭ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاتوم ئېنېرگىيىسى، يادرو قوراللىرىغا قىزىقىدىغانلىقىنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جەھەتتە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خرۇشېۋنىڭ بۇ تۇيۇقسىز سورالغان مەسىلىگە تەييارلىقى يوق ئىدى، بىردەم دېلىغۇل بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ماۋزېدۇڭغا نەسىھەت قىلىپ ئۇنىڭ زېھنىنى يىغىپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تۇتۇشى لازىملىقىنى، بۇنداق غايەت زور مەبلەغ كېتىدىغان نەرسىنى ياسىماسلىققا دەۋەت قىلدى ھەمدە پەقەت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولسىلا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خرۇشېۋ ئەڭ ئاخىرىدا تەكلىپ بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردەم بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئاتوم فىزىكىسى ئىلمىي تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش ۋە تېخنىكا كۈچلىرىنى تەربىيىلىشى ئۈچۈن، كىچىك تىپتىكى بىر تەجرىبە خاراكتېرلىق يادرو رېئاكتورى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
خرۇشېۋنىڭ يادرو تەجرىبىسى مەبلىغىنىڭ غايەت زورلۇقىنى، جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ بەرداشلىق بېرىشىنىڭ قىيىنلىقىنى تەكىتلىگىنى ھەقىقىي ئەھۋال ئىدى. بىراق، موسكۋانىڭ ئاساسلىق ئەندىشىسى بۇ ئەمەس ئىدى. ستالىنغا ئوخشاشلا، خرۇشېۋمۇ ماۋزېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگوغا ئىشىنىپ كېتەلمەيتتى. ئۇنىدىن باشقا، خرۇشېۋنىڭ ئوچۇق دېيەلمەيدىغان يەنە بىر سەۋەبى بار ئىدى، يەنى ئەينى چاغدا ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىشتىن ناھايىتى بۇرۇنلا، ئامېرىكا يادرو سىنىقىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، بۇ ئارقىلىق يادرو قورالىنى مونوپۇل قىلماقچى ئىدى. 1949-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ب د ت ئاتوم ئېنېرگىيسى كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بەرۇك (Bernard Baruch) خەلقئارالىق تەشكىلات يادرو سىنىقىنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى بىر تۈرلۈك لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى، تارىختا بۇ «بەرۇك پىلانى»(بارۇخ پىلانى) دەپ ئاتالدى. ھالبۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى گرومىكو (Andrei A. Gromyko) ناھايىتى تېزلا ئۇنىڭغا تىغمۇ-تىغ قارشى ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەم ھېچبىر نەتىجىسىز يادرو قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى سۆھبەت ۋە تالىشىش باشلاندى. سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو قورالىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ، خرۇشېۋ يادرو قورالىنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، موسكۋادا يادرو كېڭىيىشىنى چەكلەش مەسىلىسىدە يېڭى تونۇش پەيدا بولدى. 1954-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى خرۇشېۋغا بىر ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق فىزىكى، ئاتوم بومبىسى ئاتىسى كورچاتوۋ(Igor V. Kurchatov) قاتارلىقلارنىڭ ئىسسىق يادرو قورالىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاللىقاچان ئىنسانلارنىڭ مەۋجۈتلۇقىغا تەھدىت سالغانلىقى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى دوكلات قىلدى: زور كۆلەمدىكى يادرو قورالىنى ئىشلىتىش ئۇرۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپنىڭ ھالاك بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يادرو پارتلىشىنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ بۇنداق تېزلىكىدە، نەچچە يىلغا قالمايلا، يادرو پارتلىشىنىڭ سانى يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ ھاياتلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ، شۈبھىسىزكى، خرۇشېۋنى لەرزىگە سالغان ئىدى. شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، يەنى خرۇشېۋنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشىنىڭ ھارپىسىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئەسلەتمە تاپشۇرۇپ، ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن تېنچ يول بىلەن پايدىلىنىش مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوۋېتلىكلەر ئەمدى تېخى بۇنداق ۋەدە بېرىپ تۇرۇشىغا، جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياسايدىغانلىقىنى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنسە، خرۇشېۋ ئەلۋەتتە قوشۇلمايتتى.

دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن

2007-يىل 17-ئاۋغۇست باھا يېزىش

دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن

2A70893368260FCA_127_0 بۈگۈن ئەتىگەن ئىشقا بالدۇر بېرىشنى نىيەت قىلىپ، بالدۇرراق تۇرغان بولساممۇ، ئىشىكتىن يەنىلا سەككىزدە ئاران چىقالىدىم. يولدا كېتىپ بارسام، خىزمەتدىشىم تېلېفۇن قىپتۇ، ئۆزىنىڭ ئىشقا بارالمايدىغانلىقىنى، يېقىن بىر دوستىنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى، تۈگەپ كەتكۈچىنى مەنمۇ ئاندا – مۇندا كۆرگەندەك قىلىۋاتاتتىم، رەھمەتلىك ياشلا بالىتى، دۇنيا دېگەن ئاجايىپكەن، بۈگۈن بىللە ئويناپ – كۈلگەنلەر ئەتە قارا تۇپراققا ئايلىنىدىكەن، ئۆلۈم ھەقىقەتەنمۇ ياش – قېرىغا باقمايدىكەن، كىمنىڭ ئەجىلى توشقان بولسا، بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئۇ دۇنياغا شەرتسىز سەپەرگە ئاتلىنىدىغان گەپكەن. تۇرۇپ مەنمۇ ئۆزەمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.

سەھىپىلەر:تاغدىن-باغدىن خەتكۈشلەر:,

قوياش ھەرىكىتى 2011 – يىلى يەنە كۈچىيىدۇ

2007-يىل 7-ئاپرېل باھا يېزىش


قوياش ھەرىكىتى ھەر 11 يىلدا بىر قېتىم كۈچىيىدۇ، بۇ قېتىم 2011 – يىلى كۈچىيىدىغان بولغاچقا، شۇ يىلى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى(GPS) ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

سەھىپىلەر:تاغدىن-باغدىن خەتكۈشلەر:, ,